خىتاي سۈرىيىگە ئالاھىدە ھەيئەت ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار ئالاھىدە ھەيئىتى چارشەنبە كۈنى سۈرىيىدە زىيارەتتە بولماقچى. خىتاي دائىرىلىرى زىيارەتنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.10.25

يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيىگە جازا يۈرگۈزۈش ھەققىدىكى قارار لايىھىسىنى ئاۋازغا قويغاندا، خىتاي ۋە رۇسىيە قارشى ئاۋاز بېرىشى بىلەن قارار ئىشقا ئاشمىغان ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ بۈگۈنكى باياناتىدا، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى ئالاھىدە ئەلچىسى ۋۇ سىكېنىڭ سۈرىيىدە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: بىز يەنىلا مەسىلىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش تەرەپدارى، دەپ ئەسكەرتكەن.

ئەمما سۈرىيىدە مىڭلىغان خەلق بەشەر ئەساد قىسىملىرىنىڭ باستۇرۇشى ئاستىدا ئۆلۈۋاتقان شارائىت ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت' نىڭ جازالاش قارارىنى «مەسىلىنى دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىش» نى دېگەننى كۆتۈرۈپ چىقىپ، مەزكۇر قارارنى توختىتىپ قويۇشقا ھەرىكەت قىلىشى سۈرىيىدىكى ئۆكتىچى خەلقنىڭ شۇنداقلا خەلقئارا جامائەتنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەخمىن قىلىشىچە، سۈرىيىدە ئۆكتىچى ھەرىكەتلەر باشلانغان 7 ئايدىن بۇيان 3000 مىڭغا يېقىن كىشى ئۆلگەن. سۈرىيىلىك ئۆكتىچىلەر ھەرىكەت باشلىغاندىن بېرى 30 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ بەشەر ئەسەدنىڭ تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا دوختۇرخانىلارنىڭمۇ قىيىن-قىستاق مەركەزلىرىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.