خىتاي ۋە رۇسىيە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى جازالاشنى يەنە رەت قىلدى

بۈگۈن خىتاي ۋە رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلغان سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى جازالاش تەدبىرلىرىنى يەنە رەت قىلىپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.07.19

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەنگلىيىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ۋەكىلى ليال گرانت بۈگۈن بەرگەن باياناتىدا «كېڭەشتىن چىققان بۇ نەتىجە ئەنگلىيىنى قاتتىق چۆچۈتتى. رۇسىيە ۋە خىتاي رەت قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ بۇ زالىم ھاكىمىيەتنى قوغدىدى. مىليونلارچە سۈرىيە خەلقىنىڭ جېنىنى ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن قۇربان قىلدى» دېگەن.

ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىمۇ ئۆز باياناتلىرىدا ب د ت 'نىڭ سۈرىيە خەلقىگە يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.

خىتاي ۋە رۇسىيە بۇندىن ئىلگىرىمۇ ئىككى قېتىم سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قىرغىنچىلىقتىن توختىتىش مەقسەت قىلىنغان قارار لايىھىسىنى رەت قىلىپ، ب د ت نى سۈرىيە مەسىلىسىدە پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. شۇنىڭدىن بېرى گەرچە ئالاقىدار دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى سۈرىيە مەسىلىسىدە رۇسىيە ۋە خىتاينى ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئۈنۈمى بولمىغانلىقى مەلۇم بولدى.

خىتاي ۋە رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە جازا تەدبىرىنى رەت قىلىۋاتقاندا سۈرىيىدە بولسا ھۆكۈمەت كۈچلىرى ئۆكتىچى كۈچلەرگە قاراتقان قوراللىق ھەرىكەتنى ئاشۇرۇپ، ئىسيانچىلارنى پايتەختتىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن تانكا، تىك ئۇچار ۋە ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئىشقا سېلىشقا باشلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.