خىتايدا سۈت پاراشوكىدا زەھەرلەنگەن ۋە ئۆلگەنلەرگە بىر مىليارد بىر يۈز مىليون يۈەن تۆلەم بېرىلمەكچى

خىتايدا مېلامىن قوشۇلغان سۈت پاراشوكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ خىتايدا ئالتە بوۋاقنىڭ ئۆلۈشىنى، يەنە ئۈچ يۈز مىڭدىن ئارتۇق بوۋاقنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەگە چېتىشلىق سەنلۇ ماركىلىق سۈت پاراشوكى گۇرۇھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 كارخانا ‏ - زاۋۇتنىڭ، زەھەرلەنگەن بوۋاقلارغا دەسلەپكى قەدەمدە بىر مىليارد بىر يۈز مىليون يۈەن تۆلەم تۆلىشى بېكىتىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.12.30

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى، بۇ مەسئۇل كارخانىلار، زەھەرلىك سۈت پاراشوكلىرىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن بوۋاقلار ئائىلىسىگە 200 مىڭ يۈەن، ئېغىر كېسەللەرگە 30 مىڭ يۈەن ۋە ئادەتتىكى كېسەل بولغان بوۋاقلارغا ئىككى مىڭ يۈەندىن تۆلەم بېرىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ 18 ياشقىچە بولغان مۇناسىۋەتلىك داۋالىنىش ھەققىنى كۆتۈرۈشى كېرەك دەپ بەلگىلىگەن.

بۇ بەلگىلىمە بۇيىچە تۆلەم تۆلەش 2009 - يىلى 1 - يانۋاردىن باشلاپ يۈرۈشلەشتۈرۈلىدىكەن. ھازىرغىچە خىتايدا زەھەرلىك سۈت پاراشوكلىرىنى ئىستىمال قىلغانلىق سەۋەبىدىن بۆرىكىدە تاش پەيدا بولغان بوۋاقلار 300 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئۆتكەن ئاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى بىرىنچى دوختۇرخانىسىدا بۆرەكتىن تاش چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىنغان يەتتە يېرىم ئايلىق بوۋاق مۇجاھىد، سەنلۇ ماركىلىق بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنى ئىچىپ بۆرىكىدە تاش پەيدا بولغان ھەمدە ئەڭ كىچىك تاش چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىنغان بوۋاق ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر زەھەرلىك سۈت پاراشوكىغا چېتىشلىق 74 ئادەمنى تۇتۇپ تۇرماقتا، بۇلارنىڭ 32 سى رەسمىي قولغا ئېلىنغان. 26 ‏ - دېكابىردىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر خېبې ئۆلكىسى شىجاجۇاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتتا، سەنلۇ زەھەرلىك سۈت پاراشوكى ۋەقەسىگە دائىر يەنى مېلامىن قوشۇلغان سۈت پاراشوكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى، سېتىلىشى، تارقىتىلىشىغا مەسئۇل بولغان ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارلىرىدىن 17 سى ئۈستىدىن سوت ئېچىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.