تاجىكىستاندا يەر تەۋرەپ 20 مىڭ ئادەم ماكانسىز قالدى
رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقى بولسا، بۇ يەر تەۋرەشتە 1050 ئۆينىڭ ۋەيران بولغانلىقى، ئومۇمىي زىياننىڭ بىر يېرىم مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى، ئۆيلىرى ئۆرۈلگەن كىشىلەرنىڭ ئۇرۇغ - تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرى، مەكتەپ ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك جايلارغا ئورۇنلىشىپ پاناھلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ھادىسىسىدە گەرچە كۆپ ئۆيلەر ئۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئادەم ئۆلۈش كۆرۈلمىگەن.
تاجىكىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي بىر قەدەر ئارقىدا قالغان مەملىكەت بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن بىر مىليون ئەتراپىدا تاجىكىستانلىقنىڭ رۇسىيىگە كېتىپ، تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى. خەۋەرلەردە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان بۇ ئادەملەرگە قانداق ئىچكى ۋە خەلقئارالىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى يەتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات يوق.