تارىم ئويمانلىقىدا يەنە يېڭىدىن زور مىقداردا تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالدى
خىتاي ھۆكۈمىتى 2004 - يىلى، تارىم ۋادىسىدىكى تەبىئىي گازلارنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىنى، بولۇپمۇ دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەرنى تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىدىغان "غەربنىڭ گېزىنى شەرققە توشۇش" تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، 5 يىلدىن بۇيان تارىمنىڭ تەبىئىي گازلىرى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىغە جايلاشقان 14 ئۆلكىدىكى 80 نەچچە شەھەر خەلقىنى تەمىنلەۋاتقان بولۇپ، تارىم تەبىئىي گازلىرى بىلەن تەمىنلىنىۋاتقان ئاھالىنىڭ ئومۇمىي سانى 300 مىليونغا يېتىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بەش يىلدىن بۇيان تارىم ئويمانلىقىدىن مەزكۇر گاز تۇرۇبىسى ئارقىلىق 60 مىليارد كۇبمېتىر تەبىئىي گاز ئىچكىرىگە توشۇلۇپ، خىتاي بويىچە تەبىئىي گاز قېزىشتا بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆمۈر ۋە نېفىت زاپاسلىرىنى ئىچكىرىگە توشۇيدىغان "غەرب - شەرق توشۇش قۇرۇلۇش"لىرىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، تېخى يېقىندىلا قۇمۇلدىكى كۆمۈر كانلىرىدىن 2009 - يىلىدا ئىچكىرىگە توشۇپ كېتىلگەن كۆمۈر مىقدارى ئېلان قىلىنغان ئىدى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مىقدارى ئەڭ كۆپ ھېسابلىنىدىغان تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ناھىيىلەرنى خىتاي بويىچە ئەڭ كەمبەغەل ناھىيىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يېزا ۋە شەھەر پۇقرالىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى خىتاي بويىچە ئەڭ ئارقىدىن سانىلىدىغانلار ھېسابلىنىدۇ.