«غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش لىنىيىسى» دە گاز توشۇش مىقدارى ئاشۇرۇلماقچى

خىتاي نېفىت دائىرىلىرى «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش لىنىيىسى» دە تەبىئىي گاز توشۇش مىقدارىنى يەنە ئاشۇرىدىغانلىقىنى، ۋە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە شاڭخەيگە 2 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز كۆپەيتىپ يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.07.02

«ئىنتېرفاكىس» ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى نېفىت سانائەت گۇرۇھى تارقاتقان مەلۇماتلاردىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ گازلار شاڭخەي شەھىرىنىڭ تەبىئىي گاز ئىستېمالىنى قامداش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.

بۇ نۆۋەت يەنە خىتاينىڭ شەرقىدىكى رايونلارغا جەمئىي 4 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز كۆپەيتىپ يەتكۈزۈلىدىغان بولۇپ،  گازلار «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 1-لىنىيىسى» ۋە  «غەربنىڭ گازنى شەرققە يۆتكەش 2-لىنىيىسى» دە بىرلىكتە توشۇلىدىكەن.

«غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 1-لىنىيىسى» 2004-يىلى تاماملانغان بولۇپ، تارىم نېفىتلىكىدىن باشلىنىپ خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تەبىئىي گاز لىنىيىسى خىتاينىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى 200 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

«غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 2-لىنىيىسى» جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى گازلىقلار ۋە  ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن باشلىنىپ خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە تۇتىشىدۇ. بۇ گاز تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ قانچىلىك ئادەمنى گاز بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.