خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يىلىغا 5 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت قۇرماقچى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆمۈردىن يىلىغا 5 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت قۇرۇشنى تەستىقلىدى. رويتېرستا خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر خىتايدىكى سودا ئۇچۇرلىرى تورىدا بېرىلگەن. خەۋەرگە قارىغاندا، مەزكۇر زاۋۇت يىلىغا 5 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىدىكەن. زاۋۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرى غۇلجا ناھىيىسىگە قۇرۇلىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-08-02
Share

مەزكۇر قۇرۇلۇش تۈرىگە ئىچكى موڭغۇلغا جايلاشقان چىڭخۇا گۇرۇھى مەبلەغ سالىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش 2011 - يىلى باشلىنىدىكەن.

بۇ زاۋۇت ئىشلەپچىقارغان تەبىئىي گازلار " غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسى" ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىدىكەن.

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، مەزكۇر زاۋۇت قۇرۇلۇشى ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن. پىلان بويىچە زاۋۇتتا بىرىنچى قەدەمدە 1 مىليارد 375 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. زاۋۇتقا ئىلى ۋادىسىدىكى كۆمۈرلەر ئىشلىتىلىدىكەن.

مەزكۇر زاۋۇتنىڭ يەرلىكلەرنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئىلى ۋادىسىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى قېزىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن ئىدى.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت