تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئۇيغۇرچە مىكروبلوگى ئېچىلدى ئەمما ئۇنىڭغا تىزىملىتىش قېيىن

بۈگۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تەڭرىتاغ تورىدا مەخسۇس ئۇيغۇر تىلىدىكى مىكروبلوگ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.03.01

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر بلوگ پۈتكۈل مەملىكەت بويىچە بىردىن-بىر ئۇيغۇر تىلىدىكى مىكروبلوگ بولۇپ، بۇ مىكروبلوگ ئارقىلىق ئابونتلار ھەر ساھەگە ئائىت قىزىق تېمىلار ۋە جەمئىيەتتىكى ۋەقەلەرگە نىسبەتەن ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى ئورتاقلىشالايدىكەن.

ئەمما مەزكۇر بلوگغا تىزىملىتىش رەسمىيەتلىرىنىڭ مۇرەككەپلىكى بولسا يۇقىرىدىكى ئېھتىماللىقنى چەتكە قاقماقتا. مەزكۇر بلوگغا تىزىملىتىش ئۈچۈن چوقۇم ئېنىق ئىسىم-فامىلە ئىشلىتىلىش شەرت بولغاننىڭ ئۈستىگە، بۇ ئىسىم فامىلە چوقۇم شۇ كىشى تەۋە ئىدارە-ئورگانلار تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى، تىزىملىتىش جەدۋىلى چوقۇم ئادمىنلار تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى كېرەك ئىكەن.

دائىرىلەر بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ سەۋەبىنى «ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» دەپ كۆرسەتكەن.

خەلق گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئىنگلىزچە تارقاتقان خەۋىرىدە، بۇ مىكروبلوگ خەلقنىڭ ھەرقانداق دەردىنى ھۆكۈمەتكە ئېيتىدىغان ۋە خەلق بىلەن ھۆكۈمەتنى يېقىنلاشتۇرىدىغان ياخشى قانىلى، دەپ تەشۋىق قىلىنغان.

ئەمما، خەلقئارالىق مەشھۇر مىكروبلوگ «تىۋىتتر» خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەركىن-ئازادە ھالدا ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرالىرىنى تەنقىد قىلىدىغان ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سورۇنىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارا تىزىملىكىگە ئېلىنىپ، خىتايدا ئېچىلمايدىغان قىلىپ قويۇلغان ئىدى. 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تاقىۋېتىلگەن نۇرغۇن ئۇيغۇرچە مۇنازىرە تور بەتلىرىمۇ ئوخشاش سەۋەب بىلەن تاقىۋېتىلگەن ۋە ئادمىنلىرى قولغا ئېلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.