خىتاي تېررورلۇققا قارشى مانېۋىردا بىر ئۇيغۇرنى تېررورچى قىلىپ كۆرسەتكەن

خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مۇشۇ ئاينىڭ 7‏-كۈنى تېررورلۇققا قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.02.11

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مەزكۇر قىسىمنىڭ ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ چاغان بايرىمىنى خاتىرجەم ۋە خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ مانېۋىرنى ئۆتكۈزگەنلىكى بايان قىلغان. ئەمما خەۋەردىكى كۆرۈنۈشلەردىن، بولۇپمۇ تېررورچىنىڭ رولىنى ئالغۇچىنىڭ چىراي ۋە كىيىنىشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مانېۋىردا تېررورچىنىڭ رولىنى دوپپا كىيگەن بىر ئۇيغۇر ئالغان.

يىللاردىن بېرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتىنىڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مىللىتىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە بۇنى تەنقىدلەپ كەلگەن. خىتاي دائىرىلىرى بولسا، تېررورلۇققا قارشى سەپەرۋەرلىكنىڭ ھۇجۇم نىشانى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن. شۇڭا بەزى كۆزەتكۈچىلەر، مانېۋىردىكى مەزكۇر كۆرۈنۈشنى، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتىنىڭ ھۇجۇم نىشانى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى دەپ قاراشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.