تەيۋەن ئاۋىئاماتكىلارغا قارشى لايىھىلەنگەن يۇقىرى تېخنىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسىدى

تەيۋەن خىتاي كەلگۈسىدە ياساش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئاۋىئاماتكىلارغا قارشى لايىھىلەنگەن يۇقىرى تېخنىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ رەسىمىنى ئاشكارىلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-04-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن دائىرىلىرى لايىھىلىگەن بۇ بومبىنىڭ ئېغىرلىقى 1000 توننا ئەتراپىدا بولۇپ، 'ئاۋىئاماتكا قاتىلى' دەپ ئاتالغان. مەزكۇر بومبا ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئىلگىرى مەخپىي تۇتۇلغان بولۇپ، بۇ تۇنجى قېتىم جامائەتكە ئاشكارا كۆرسىتىشى ئىكەن.

باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تېزلىكى سائىتىگە 55 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ بومبىنى ھەتتا رادارمۇ بايقىيالمايدىكەن. نۆۋەتتە تەيۋەن ھەربىي دائىرىلىرى بۇ بومبىلارنى ئۆزى ياساپ چىققان شيۇڭفېڭ - 3 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا راكىتاسىغا سەپلەشنى ئويلاشماقتا ئىكەن.

نۆۋەتتە خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئاۋىئاماتكا ياساشقا كىرىشكەنلىكى مەلۇم. خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، تەيۋەن مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ ئاۋىئاماتكا ياساپ چىقىشىغا يەنە 10 يىل كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەگەر خىتاي ئاۋىئاماتكا ياساپ چىقسا، بۇ رايون ھەربىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىكەن. 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت