تەيۋەن كىنو فېستىۋالىدا رابىيە خانىم ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمىنى قويۇشنى قارار قىلدى
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، يېقىندا گاۋشۇڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى چېن چۇ ئەپەندى تىبەتنىڭ دىنى داھىسى دالاي لامانى تەيۋەندە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقتىن ھال سوراش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىپ، تەيۋەن بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىدە جىددىيلىك يۈز بەرگەن ئىدى.
گاۋشۇڭ كىنو فېستىۋالىنىڭ بۈگۈنكى قارارى، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى 'جىنايەتچى' دەپ تەرىپلەۋاتقان رابىيە خانىم ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمنى تاللىغانلىقى، خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ چوڭ جىددىيلىك پەيدا قىلىدىغانلىقى ئېنىق.