تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇنىڭ قوللاش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن

تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇنى قوللايدىغانلار نىسبىتىنىڭ بارغانچە تۆۋەنلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. رويتېرستا كۆرسىتىشىچە، تەيۋەندىكى ئىشسىزلىق ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار سەۋەبىدىن ما يىڭجۇنى قوللايدىغانلار ئازايغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-08-21
Share

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، بۇ ھەقتىكى راي سىناشنى تەيۋەندىكى بىر نوپۇزلۇق راي سىناش تەتقىقات مەركىزىي ئېلىپ بارغان. راي سىناش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ما يىڭجۇنى قوللىمايدىغانلار نىسبىتى 57 پىرسەنتكە يەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ما يىڭجۇنىڭ قوللاش نىسبىتى بۇ يىل تەيۋەن دائىرىلىرى خىتاي بىلەن سودا كېلىشىمى ھازىرلىغاندىن كېيىن ئىزچىل تۈردە تۆۋەنلەشكە باشلىغان.

ما يىڭجۇ 2008- يىلى تەيۋەن پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان. ئۇ، شۇندىن كېيىن خىتايغا مايىل بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت