تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ خانىمى رۇسىيىنى زىيارەت قىلىدۇ

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەننىڭ بىرىنچى خانىمى سەيشەنبە كۈنى تەيۋەن تىياتىر گۇرۇپپىسى بىلەن بىرگە رۇسىيىنى زىيارەت قىلىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2010.06.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ خانىمى كرىستىنا چوۋنىڭ رۇسىيىدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ خەۋەرنى تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ باياناتچىسى ئاشكارىلىغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە بىلەن تەيۋەن ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە باشلانغان بولۇپ، سابىق پرېزىدېنت بورىس يېلتسىن دەۋرىدە موسكۋا بىلەن تەيۋەن ئارىسىدا رەسمىي مۇناسىۋەت ئورنىتىلىپ، موسكۋادا تەيۋەننىڭ غەيرى دىپلوماتىك ئورنى قۇرۇلغان ئىدى.

ئەسلىدە موسكۋا جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتكە ئىگە بولۇپ، 1949 - يىلىدىن كېيىن بۇ مۇناسىۋەت ئۈزۈلگەن. رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە خىتايغا تەيۋەننى قوللىماسلىق ھەققىدە ۋەدە بېرىپ كەلمەكتە ئىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا تەيۋەن بىرىنچى خانىمىنىڭ رۇسىيىنى زىيارەت قىلىشى بىر يېڭىلىق ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت