تەيۋەن خىتاينىڭ ئايرودروم ۋە دېڭىز پورتلىرىنى نىشانلىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى قۇرماقتا

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەيۋەندىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئايرودروم ۋە دېڭىز پورتلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئىلغار تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى بەرپا قىلماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.11.02

ۋەن جيەن يەنى 10 مىڭ خەنجەر دەپ نام بېرىلگەن بۇ سىستېمىغا، 97 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، بۇ سىستېما بۇ يىلنىڭ بېشىدا دەسلەپكى باسقۇچلۇق سىناقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ھەر بىرى 100 دانە تارماق بومبىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئايرودروم ئەتراپىدىكى يوللارنى بۇزۇپ تاشلاپ ئايرودروملارنى پالەچ ھالغا ئەكىلىپ قويۇش ئىقتىدارىغا ئىگە.

تەيۋەن ھەربىي ئەمەلدارلىرىدىن لىن يۈفاڭ، بۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋابەن، مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى بايان قىلغان؛ ئەمما تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەن يەنە "يەرلىك مۇداپىئە ئۇرۇشچىلىرى" دەپ نام بېرىلگەن يېڭى تىپتىكى يەنە بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىغا 2011 - ۋە 2012‏ - يىللاردا 15 مىليارد دوللار مەبلەغ سالماقچى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.