تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە ئىلغارلىق پارتىسى چەن يۇنلىننى داغدۇغىلىق نامايىشلار بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان شىمالىي تەيۋەن جەمئىيىتى بولسا، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە سېسىق تۇخۇم ئاتقان نامايىشچىلارغا ئاتقان ھەر تۇخۇمى ئۈچۈن پۇل بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تەيبىدىن خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي تەيۋەن جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مىچىل ۋاڭ شەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ رەئىسى چەن يۇنلىننىڭ بەدىنىگە تەككەن ھەر بىر سېسىق تۇخۇم ئۈچۈن 30 ئامېرىكا دوللىرى ۋە ئاتقان تۇخۇمىنى چەننىڭ يۈزىگە تەككۈزەلىگەن ھەر بىر نامايىشچىغا 300 ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
دۈشەنبە كۈنى تەيۋەن زىيارىتىنى باشلايدىغان خىتاينىڭ تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى چەن يۇنلىن، 1949 يىلىدىن بېرى تەيۋەننى زىيارەت قىلغان خىتاينىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋەكىلى ھېسابلىنىدىكەن.
تەيۋەندە خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئاللىقاچان باشلىغان بولۇپ، شەنبە كۈنى ئونلىغان كىشى تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇنىڭ تەيۋەننىڭ مەركىزى رايونىغا جايلاشقان چاڭگاۋ ناھىيىسىنى زىيارىتى جەريانىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتايغا قاراتقان يۇمشاق سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئۇنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە چاقىرغان.