تەيۋەندە ئۆزىنىڭ تىبەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن 30 ئەتراپىدا كىشى ئاچلىق ئېلان قىلدى

ئۆزلىرىنىڭ تىبەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن 30 ئەتراپىدا كىشى بۈگۈن تەيۋەندە 50 سائەتلىك ئاچلىق ئېلان قىلىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى تەيۋەندە قانۇنلۇق تۇرۇش ھەققىگە ئېرىشىش ئىكەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.12.17

ئەمما، تەيۋەن دائىرىلىرى بۇلارنىڭ تىبەتلىك ئىكەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن دائىرىلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ تىبەتلىك ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھىندىستان ياكى نېپالدىن قېچىپ كەلگەن كىشىلەر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

تەيۋەندىكى موڭغۇلىيە ۋە تىبەت ئىشلىرى جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى چېن شىنيىن مۇخبىرلارغا : "بۇ كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ھەتتا تىبەت ۋە ئۇلارنىڭ سۈرگۈندىكى داھىيسى دالاي لاما ھەققىدىكى ئەڭ ئاددىي نەرسىلەرنىمۇ بىلمەيدىكەن. بىزنىڭ بۇلارنىڭ تىبەتلىك ئىكەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارايمىز"، دېگەن.

تەيۋەندە تىبەت ياكى موڭغۇللار ئولتۇراقلىشىش ھەققىگە ئېرىشكەنلىگەنلىكى ئۈچۈن، تەيۋەن دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ مۇشۇنى كۆزدە تۇتۇۋاتقان قانۇنسىز كۆچمەنلەر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما ئاچلىق ئېلان قىلغۇچىلار بۇنى رەت قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.