تەيۋەندە چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بىرلىشىشكە قارشى نامايىش

يەكشەنبە كۈنى تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر قانچە تۈمەن ئادەم قاتناشقان مەزكۇر داغدۇغىلىق نامايىش تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجونىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن يېقىنلىشىش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-05-17
Share

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشنى تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلىدىغان مىنجىڭداڭ يەنى دېموكراتىك ئىلغارلىق پارتىيىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، سابىق پرېزىدېنتى چېن شۇيبيان مەزكۇر پارتىيىدىن كېلىپ چىققان ئىدى.

گومىنداڭ پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجو تەيۋەننىڭ ئىقتىسادىي ياخشىلايدىغانلىقى ھەمدە تەيۋەننى گۈللەندۈرۈپ، ئىلگىرىكىدەك مۇستەقىللىقنى تەرغىپ قىلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان شۇنىڭدەك يېقىندىن بۇيان چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن يېقىنلىشىش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزگەن بولۇپ، مىنجىڭداڭ قاتارلىق ئۆكتىچى پارتىيىلەر ما يىڭجونى تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرىۋەتتى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

گومىنداڭ پارتىيىسى ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن سابىق مۇستەقىلچى پرېزىدېنت چېن شۇيبياننى پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، چېن شۇيبيان ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى گومىنداڭ پارتىيىسىنى تۆھمەت چاپلىغانلىقى بىلەن تەنقىد قىلغان.

نۆۋەتتە، تەيۋەندىكى گومىنداڭ بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كومپارتىيە رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئۇچرىشىشلار داۋاملاشماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت