تەيۋەن قەدىمىي خىتايچە رەسىملەرنى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا كۆرگەزمە قىلىشقا ئارىيەت بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تەيۋەن دۆلەتلىك مۇزېيى دۈشەنبە كۈنى، ئۆزى ساقلاۋاتقان 14 - ئەسىرگە تەۋە قەدىمىي خىتايچە رەسىملەرنى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا كۆرگەزمە قىلىشقا ئارىيەت بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.03.15

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، تەيبېيگە جايلاشقان تەيۋەن دۆلەتلىك مۇزېيى باشلىقى چۇ كۇڭشىن تەيۋەن پارلامېنتىدا قىلغا سۆزىدە مەزكۇر مۇزېيدىكى قەدىمىي رەسىملەر ھەققىدە توختىلىپ: " بۇ رەسىملەرنى خىتاي تەرەپنىڭ تۇتۇپ قالماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئوچۇق بىر كېلىشىم بولمىغان ئەھۋالدا، بىزدە ساقلىنىۋاتقان بۇ رەسىملەرنى چوڭ قۇرۇقلۇقتا كۆرگەزمە قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ" دېدى.

چۇنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرى، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بۇ نۆۋەتلىك ئىككى يېغىن جەريانىدا تەيۋەن ۋە خىتايدا ساقلىنىۋاتقان 14 - ئەسىردىكى يۈئەن سۇلالىسىگە تەۋە رەسىملەرنى جەم قىلىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

مەلۇم بولۇشىچە، موڭغۇللار قۇرغان يۈئەن سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە بىر قىسىم رەسىملەر 17 ئەسىرىدە كۆيۈپ كەتكەن. بۇلارنىڭ بىر قىسمى خىتاينىڭ خاڭجۇ مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان بولسا، كۆپ قىسمى تەيبېي دۆلەت مۇزېيىدا ساقلانماقتا ئىكەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.