تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون باشلىقلىرى سۆز قىلدى

يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان يىغىنلىرى جەريانىدا تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى بايما چىلىن تىبەتلىكلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە دالاي لاما مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، دالاي لامانى تەنقىد قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2010.03.07

تىبەت ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرىمۇ ئوخشاشلا بۇ تەنقىدنى داۋاملاشتۇرۇپ، "دىنىي مەسىلە، دىنىي داھىي مەسىلىسىنى بۆلگۈنچىلىك ۋە سىياسەت ئۈچۈن ئىشلىتىشكە تىبەت خەلقىنىڭ قوشۇلمايدىغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن.

يەكشەنبە كۈنى يەنە بېيجىڭدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇر بەكرىمۇ مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ مەسىلىدە ئىلگىرى ئىزچىل ئېيتىپ كەلگەن مەيدانىنى داۋاملاشتۇرغان ھەمدە 198 ئادەمنىڭ ئىچىدە 97 ئادەمنىڭ سوتلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقاندا تىبەتتە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 35 ئادەم بار بىر يۈك ماشىنىسى تىبەتنىڭ جەنۇبىدىكى بىر تاغلىق رايوندا تاققا ئۇرۇلۇپ، ھادىسە كېلىپ چىققان. نەتىجىدە 26 ئادەم ئۆلۈپ، 9 ئادەم يارىلانغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي دۆلەت مەتبۇئاتلىرى ئۇچۇر تارقاتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.