خىتاي سىچۈەن گەنزىدىكى بىر تىبەت ئىبادەتخانىسىنىڭ لاماسىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى سىچۈەننىڭ تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان گەنزى رايونىدىكى تىبەت ئىبادەتخانىسىنىڭ جامائەت ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر لامالىرىدىن فۇربۇ سېرىن رېنپوچىنى ئاز كەم 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.12.31

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى رېنپوچىنى ئورنىدىن پايدىلىنىپ، "قانۇنسىز يەر ئىگىلىۋېلىش"، "قانۇنسىز ئوق - دورا ساقلاش" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، رېنپوچى 2008 ‏- يىلى 3 ‏- ئايدا يۈز بەرگەن لخاسا ۋەقەسىگە چېتىلىپ جازالانغان تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك تىبەت لاماسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

رېنپوچىنىڭ ئادۋوكاتى جياڭ تيەنيۇڭ، ئۇنىڭغا ئارتىلغان جىنايەتلەرنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، سوت مەھكىمىسى رېنپوچىنىڭ ئائىلىسىگە قانۇنسىز تەلەپلەرنى قويۇپ تۇرۇۋالغانلىقتىن ئۇنى 2 ‏- قېتىملىق سوتتا ئاقلىيالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فۇربۇ سېرىن رېنپوچى 2008 ‏- يىلى 5 ‏- ئايدا 100گە يېقىن تىبەت راھىبى گەنزىدە نامايىش قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دالاي لامانى تەنقىد قىلىشنى مەزمۇن قىلغان "ۋەتەنپەرۋەرلىك تەلىم - تەربىيە" ھەرىكىتىگە قارشى چىققاندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئىدى.

ئادۋوكات جياڭ تيەنيۇڭ مەتبۇئاتلارغا بەرگەن مەزكۇر دىلو ھەققىدىكى باياناتىدا سوتنىڭ قارارىنى تەنقىدلەپ، "سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ دىلودا قانۇننى ئاساس قىلىپ ھۆكۈم چىقارمىغانلىقى، بەلكى يۇقىرىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقارغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.