18-قۇرۇلتاينىڭ ئىككىنچى كۈنى چىڭخەيدە تىبەتلىكلەرنىڭ نامايىشى يۈز بەردى

بۈگۈن يەنى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتىيى داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، چىڭخەيدە 5000 دىن ئارتۇق تىبەتلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-11-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشتا تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە دالاي لامانىڭ ئانا تىبەتكە قايتىپ كېلىشى ئارزۇ قىلىنغان شوئارلار توۋلانغان. نامايىشچىلار سەھەر سائەت 4 ئەتراپىدا چىڭخەينىڭ رۇڭۋو ناھىيىسىدىكى رۇڭۋو ئىبادەتخانىسىنىڭ يېنىدىكى ئوتتۇرا ئالدىدا توپلانغان ۋە ناھىيە بازىرىغا قاراپ شوئار توۋلاپ يۈرۈش قىلغان.

نامايىشنى باشلىغانلار ئاساسلىقى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، نامايىش داۋامىدا ئەتراپتىكى تىبەتلىك ئاھالىلەرمۇ نامايىشچىلار سېپىگە قېتىلغان. نامايىشچىلار يەنە ئانا تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش ھەققىدىمۇ شوئارلار توۋلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نامايىش داۋامىدا خىتاي ساقچىلىرى نامايىشچىلارنى نازارەت قىلىپ ماڭغان، 18-قۇرۇلتاي مەزگىلى بولغاچقا نامايىشچىلارغا چېقىلىشقا پېتىنالمىغان. ئەمما نامايىشتىن كېيىن نامايىشچىلارغا قارىتا تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ بولغان-بولمىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت