يەنە بىر تىبەت يېڭى دېھلىدا ئۆزىگە ئوت قويۇپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

دۈشەنبە كۈنى يەنە بىر تىبەت ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىنىڭ مەركىزى كوچىلىرىدىن بىرىدە ئۆزىگە ئوت قويۇپ، خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتى ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ پات يېقىندا ھىندىستانغا قىلىدىغان زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن گۇۋاھچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جانفېل يېشى ئىسىملىك 27 ياشلاردىكى بۇ تىبەت مۇساپىرى ئوت يالقۇنى ئىچىدە قالغان. ئۇ ۋارقىرىغان پېتى يېڭى دېھلى شەھەر مەركىزىدىكى جانتار مانتار مەيدانىدىن چىقىپ، مەركىزى چوڭ كوچىنى بويلاپ يۈگۈرگەن. گەرچە ئەتراپتىكىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈۋالغان، ساقچىلار يېتىپ كېلىپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق كىشىلەر ئۇنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى، بەدىنىنىڭ 90% تىن كۆپ قىسمى كۆيۈپ، ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى ئازلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇ ياتقۇزۇلغان رام مانوخار لوخىيە دوختۇرخانىسىنىڭ دۆشى ئىسىملىك بىر دوختۇرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئۇچۇر بېرىپ: ئۇنىڭ ھايات قېلىشى ئېھتىماللىقى ناھايىتى ئاز، دېگەن.
بۇ ۋەقە دەل خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ پەيشەنبە كۈنى يېڭى دېھلىنى زىيارەت قىلىپ، برازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان ۋە جەنۇبىي ئافرىقا رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشىدىكى «ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان 5 دۆلەت باشلىقلار يىغىنى» غا قاتناشماقچى بولۇپ تۇرغان پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى.

جانفېل يېشىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۆزىگە ئوت قويۇپ، خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن تىبەت پۇقرالىرىنىڭ سانى 30 دىن ئاشقان. ئۆزىگە ئوت قويغان تىبەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستلىرىدىن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى دالاي لاما ۋە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى كۈشكۈرتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر مىنىستىرى دىكىي چوياڭ ئۆزلىرىنىڭ دائىم «كىشىلەرنى بۇ خىل كەسكىن ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشقا چاقىرىپ كەلگەنلىكى»نى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت