يېڭى دېھلىدا بىر تىبەت ئۆزىگە ئوت قويۇپ ھاياتىدىن ئايرىلدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەردىن مىڭلىغان ئادەم بۈگۈن يېڭى دېھلىدا، ھىندىستانغا كەلگەن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا بولغان غەزىپىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012-03-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

غەزەپلىك نامايىشچىلار ئىچىدىن جامپېل يېشى ئىسىملىك بىر تىبەت ئۆزىگە ئوت يېقىپ، بىر ئۇلۇغ يالقۇن بولۇپ يۈگۈردى. بۇ نامايىشتا خىتاينىڭ تىبەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە غەزەپ ئىپادىلىگەن بۇ يالقۇنلۇق ئوتنى ھېچكىم ئۆچۈرەلمىدى. ھىندىستان ساقچىلىرى بۇنداق نامايىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر يېڭى دېھلىدا برازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىن ئىبارەت بەش دۆلەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ بەش دۆلەت‏ ئۆزىنى، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 40% نى تەشكىل قىلىدىغان، سودا مىقدارى 2001‏-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە 28% تىن ئۆسۈپ كېلىۋاتقان، تەرەققىي قىلىۋاتقان، دۆلەتلەر، دەپ ئاتايدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت