تىبەت رەئىسى Qiangba Puncog 'بىزگە مۇقىملىق كېرەك' دېدى

بېيجىڭدىكى خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان، تىبەت رەئىسى Qiangba Puncog، بۈگۈن چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، تىبەت خەلقىنىڭ مۇقىملىقنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ئاي ئىچىدە تىبەتتە ۋەقە چىقىش ئېھتىمالى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.03.05

10 ‏- مارت دالاي لامانىڭ ھىجرەت خاتىرە كۈنى، 14 ‏ - مارت بولسا، ئۆتكەن يىلقى لاسا ۋەقەسىنىڭ بىر يىل توشقان كۈنى، 28 مارت بولسا، تىبەتنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە ئۆتكەنلىكىنىڭ 50يىللىق خاتىرە كۈنى.

شۇڭا ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلەر، تىبەتتە مۇشۇ ئاي ئىچىدە ۋەقە چىقىپ قىلىشىنى تەخمىن قىلىشماقتا. رەئىس Qiangba Puncog سۆزىدە "بىر تۈركۈم كىشىلەر تىبەتتە ۋەقە چىقىدۇ، دەپ پىتنە - پاسات تېرىۋاتىدۇ، بۇ ئارقىلىق بۆلگۈنچىلەرنى قۇترىتىۋاتدۇ. ئەمما كۆپ ساندىكى خەلق تەرەققىياتنى ۋە تۇرمۇشۇنىڭ ياخشىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ،" دېگەن.

تىبەت رەئىسى Qiangba Puncog، ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرىگە ئوخشاش، خەلق سايلىمى ئارقىلىق ئەمەس، مەركەزنىڭ تەيىنلىشى بىلەن ھاكىميەت بېشىغا كەلگەن. بۇ سەۋەبتىن ھەر ئىككىسىنىڭ ۋەزىيەت ھەققىدىكى بايانلىرىدا مۇقىملىق ئاساسى تېما بولۇپ كەلمەكتە.

Qiangba Puncog نۇر بەكرىدىن پەرقلىق تەرىپى ئۇ ۋەزىيەت ھەققىدە سۆزلىگەندە، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتتىن نارازى ئىكەنلىكىنىك ھۆكۈمەتنىڭمۇ خىزمەتلىرىدە تېخى تولۇقلاپ كېتەلمىگەن تەرەپلىرى بارلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئەمما نۇر بەكرى قاتارلىق ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەھبەرلىرى ھازىرغا قەدەر ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىدىكى بىرەر يېتەرسىزلىكىنى تىلغا ئېلىپ باقمىدى. ئەكسىچە، يېتەرسىزلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ توربېتى تاقىۋېتىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.