59 تىبەتلىك ئۆسەك سۆز تارقاتتى دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان

خىتاي دائىرىلىرى 59 تىبەتلىكنى ئۆسەك سۆز تارقاتتى دېگەن جىنايەت بىلە قولغا ئالغان بولۇپ، رويتېرستا خىتاي ئاخباراتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، بۇ تىبەتلەرگە جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزىدىغان ناخشىلارنى تارقاتقان دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر تىبەتلەر تىبەتلەرنىڭ روھانى داھىيسى دالاي لامانىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئىنتېرنېتتىن كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى زەھەرلەيدىغان ناخشىلارنى چۈشۈرۈپ تارقاتقان دەپ ئەيىبلەنگەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشچە، خىتاي ئاخباراتلىرىدا بۇ يىل مارتتا تىبەتتە يۈز بەرگەن توپىلاڭدىن كېيىن بەزى كىشىلەر دالاي لاما گۇرۇھىنىڭ تەسىرى ئاستىدا "قەستەن ئۆسەك سوز تارقىتىپ مىللىي ھېسسىياتنى غىدىقلاپ، كىشىلىك ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا" دەپ كۆرسىتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ساقچىلىرى بۇ خىلدىكى ناخشىلارنى كۆچۈرۈپ ساتقان كىشىلەرنى تۇتۇش ئۇچۇن لخاسا شەھىرىدىكى بازار - رەستىلەر نى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.