تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما تىبەتلەرنى ئۆز بايرىمىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزمەسلىككە دەۋەت قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما ھىندىستاندىكى تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى جايلاشقان دارامسالادا تىبەت كالېندارى بويىچە يېڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تىبەتنىڭ ھەر خىل زۇلۇملارنى چېكىۋاتقان ئەھۋالى ئاستىدا تىبەتلىكلەرنى ھەشەمەت ۋە ناخشا - ئۇسۇل بىلەن يېڭى يىلنى تەبرىكلىمەسلىككە ئۈندىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2010-02-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تىبەت كالېندارى بويىچە يېڭى يىل خىتاي مىللىتىنىڭ كالېندارى بويىچە يېڭى يىلى، يەنى چاغان بايرىمى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تىبەتلەر ۋە خىتايلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا بايرام كۈنىدۇر. دالاي لاما ئۆزىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى پۈتۈن خىتاي بويىچە خىتاي يېڭى يىلى، يەنى چاغان بايرىمى داغدۇغىلىق تەبرىكلىنىۋاتقان كۈندە ئېيتتى. بىراق، تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ بىر پارلامېنت ئەزاسى دالاي لامانىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئىزاھات بېرىپ، "ئەمەلىيەتتە بۇ دالاي لامانىڭ كىشىلەرنى بايرام ئۆتكۈزمەڭلار دېگىنى ئەمەس، بۇ پەقەت تىبەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ئاساسەن كۆپرەك ئىبادەت ۋە خەيرى ساخاۋەتلىك ئىش قىلىش ئۇسۇلى بىلەن بايرام ئۆتكۈزۈڭلار دېگىنى" دەپ چۈشەندۈرگەن شۇنىڭدەك يەنە 2008 - يىلىدىكى تىبەت نامايىشىدا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، ئۇلارغا ماتەم تۇتۇش لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي تەرەپ ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت نەتىجە بەرمىگەن بولۇپ، ئارقىدىن ئامېرىكا ئاق سارىيى 18 - فېۋرال كۈنى پرېزىدېنت ئوبامانىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە خىتاينىڭ ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمەسلىك ھەققىدىكى تەلىپى رەت قىلىنغان ئىدى.

13 - فېۋرال كۈنى بولسا، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى يېقىندا دالاي لامانىڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن ئۇنى تەقدىرلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت