يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان تىبەتلىكلەر ئۇيغۇر پولوسى يېدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان سۈرەتلىرىدە دوپپا كىيگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پولو تەييارلاۋاتقانلىقى، ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرغان كىشىلەرگە پولو بېرىۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك خۇشاللىق بىلەن پولو يەۋاتقان تىبەتلىكلەر، جۈملىدىن بالىلار نامايەن قىلىنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئونسۇ ناھىيىسى تىنچلىق قاتناش شىركىتىنىڭ مەسئۇل خادىمى ئەھەت توقسۇن باشلىق توققۇز ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 ئادەم ئونسۇ ناھىيىسىدىن تەييارلانغان ياردەم بۇيۇملىرى باسقان تۆت چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى ۋە ئىككى كىچىك ماشىنا بىلەن سەپەرگە ئاتلىنىپ، يۈشۇغا يېتىپ كەلگەن.
مەزكۇر ئۇيغۇرلار چوڭ داش قازاندا پولو تەييارلاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرنى تەمىنلەشنى باشلىغان ۋە قىسقىغىنا بىر قانچە كۈن ئىچىدە 3000 دىن ئارتۇق ئادەم ئۇلارنىڭ پولوسىنى يېگەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى قۇمۇللۇق ئۇيغۇر ناۋايلىرىنىڭ يۈشۇدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ئاتاپ ياققان زور ساندىكى نانلىرىنىڭ ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
دالاي لامانىڭ يۇرتىدا يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنىڭ تىبەتلىكلەر ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇپ، دالاي لاما ئۇ يەرگە بېرىپ يۇرتداشلىرىدىن ھال سوراشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق رەت قىلىنغان ئىدى.