تىبەتنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھىرىدە بىر قىسىم تىبەتنى ھىمايە قىلغۇچىلار ۋە تىبەتلىكلەر نامايىش ئۆتكۈزۈپ، 1959 - يىلىدىكى تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 51 يىللىقى ۋە 2008 - يىلى، 14 - مارتتىكى لاسا ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2010-03-14
Share

ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار نامايىش قىلىپ مېڭىپ، تەيبېي شەھىرىنىڭ ئاساسلىق سودا مەركىزىي بىناسى يېنىغا يېتىپ، كېلىپ بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. نامايىشقا قاتناشقانلار ئىچىدە تەيۋەندىكى ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزالىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى تەيۋەننىڭ ئۆتمۈشى بىلەن تىبەتنىڭ ئۆتمۈشى باغلاپ چۈشىنىدىكەن.

بۇ نامايىشقا يەنە بىر قىسىم ياشلارمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى ئامېرىكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىبەتنى قوللاش تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىدۇر.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تىبەتلىكلەرنىڭ بۇ خىلدىكى نامايىشلىرى باشقا جايلاردىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، نېپالنىڭ كاتماندۇ شەھىرىدە بىر قىسىم تىبەتلىكلەر خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەندە 10 دىن ئارتۇق ئادەم نېپال ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.
 
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى 20 نەچچە ئادەم خوڭكوڭدىكى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىش بېجىرىش بىناسىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ، تىبەتنى قوللاش نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

 
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت