ئاۋسترالىيە، خىتاي «خۇاۋېي» شىركىتىنىڭ ئاۋسترالىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك تور قۇرۇلۇشىدا ھۆددىگەر بولۇشىنى چەكلىگەن

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاۋسترالىيىدىكى «خۇاۋېي» شىركىتىگە قاراشلىق بىر شىركەتنىڭ ئاۋسترالىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك ئىنتېرنېت تور قۇرۇلۇشىغا ھۆددىگەر بولۇپ قاتنىشىشىنى چەكلىگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بۇنداق قارار چىقىرىشتىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ، ئاۋسترالىيە «ئۇچۇر ئالاقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىمىز بار» دېگەن.

شىركەتنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئاۋسترالىيىلىكلەردىن تەركىب تاپقان بولسىمۇ، بىراق ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى جۇلىيە گىللارد ئەسكەرتىپ: «بۇنىڭ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېلىنغان بىر قارار» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاۋسترالىيە ئامېرىكىدىن كېيىن «خۇاۋېي» شىركىتىنىڭ شۇ دۆلەتتىكى ھۆددىگەرلىك توختامىغا قاتنىشىشىنى چەكلىگەن 2‏-دۆلەت. ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى «خۇاۋېي» شىركىتىنىڭ تور ھۇجۇملىرىغا قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭغا بۇ خىل چەكلىمە قويغان بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر شىركەتنىڭ خىتاي توربۇزارلار بىلەن قانداق ئالاقىسى بارلىقىغا دائىر دەلىللەرنى ئېلان قىلمىغان.

مەزكۇر شىركەت ئاۋسترالىيىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ يەر شارى ئۇچۇر ئالاقە ساھەسىدىكى ئىشەنچلىك ھۆددىگەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئاۋسترالىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرى «خۇاۋېي» شىركىتىگە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئۇنىڭ 36 مىليارد دوللارلىق ئاۋسترالىيە تور قۇرۇلۇشىغا ھۆددىگەر بولۇشى چەكلىنىدىغانلىقى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بۇ قارار خىتاي توربۇزارلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئاۋسترالىيە ئىستىخبارات دائىرىلىرىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن چىقىرىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت