دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور بېكىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تور بېكىتى تور بۇزارلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تاقىلىپ قالدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.07.01

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا تور بېكىتىنىڭ تور بۇزارلارنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبلىك 28‏-ئىيۇندىن باشلاپ تاقىلىپ قالغانلىقىنى، ھۇجۇمنىڭ خىتايدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. د ئۇ ق تور بېكىتىنىڭ دەل «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ئىككى يىللىقى ھارپىسىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

د ئۇ ق نىڭ بىلدۈرۈشىچە، تور بېكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بىر قانچە كۈن كېتىدىكەن. لېكىن د ئۇ ق تور بېكىتىنىڭ تۇنجى قېتىم تور بۇزارلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى ئەمەس. مەزكۇر تور بېكىتى 2009‏-يىلى 12‏-ئايدا بىر قېتىم تور بۇزارلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، تامامەن پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇلغان. 2010‏-يىلى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ بىر يىللىقىدا د ئۇ ق نىڭ تېلېفون لىنىيىسى كاشىلىغا ئۇچرىغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىگە قارىتىلغان ھۇجۇمنى تەنقىد قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» گە بەرگەن چۈشەندۈرۈشىنى ئىنكار قىلىدىغان ھەر قانداق ئۇچۇرنى توسماقچى، د ئۇ ق نىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتىگە كاشىلا پەيدا قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن مەزكۇر تور ھۇجۇمىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە ياكى خىتاي تور بۇزارلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.