ئۇيغۇر تور بېكىتىدە خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ ۋە مۇقىملىق سىياسىتى تەنقىدلەندى

يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تىلىدا چىقىدىغان " ئۇيغۇر توردا " تور بېكىتىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇر بەكرىگە يېزىلغان بىر پارچە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئوچۇق خەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندا يولغا قويغان قوش تىللىق مائارىپ ۋە مۇقىملىق سىياسىتى تەنقىدلەنگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.09.26

خەتتە ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن ئاستا - ئاستا ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇندىكى ھوقۇقىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇندىكى ھۆكۈمەت تىلى ئىكەنلىكى، لېكىن نۇر بەكرىنىڭ يىغىنلاردا خىتايچە سۆزلەۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن ئوچۇق خەتتە، "بىزنىڭ ئۆز تىلىمىزنى ئىشلىتىش ھوقۇقىمىز بار. بۇنىڭغا قانۇنلار يول قويىدۇ شۇنداقلا بۇ قانۇندا قوغدالغان " دەيدۇ.

ئوچۇق خەتتە يەنە، ئاپتونوم رايون پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ شىنجاڭدا "مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان 1 ‏ - ۋەزىپە" دېگەنلىكىنى، لېكىن بۇ خىتاي كومپارتىيىسى باش سېكرىتارى خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇيغۇر ئىلىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە " شىنجاڭدىكى 1 ‏ - مۇھىم ۋەزىپە تەرەققىيات" دېگەن سۆزىگە پۈتۈنلەي زىت كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمەت قاتلىمىدىكى "مىللىي ھېسسىياتى بار يولداشلارنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشقا بولمايدۇ "دەيدىغان تونۇشنىڭ بىر "ئەخمىقانە تونۇش" ئىكەنلىكىنى، "مىللىي ھېسسىيات نورمال ئادەملەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي ئادەمگەرچىلىك، ئەگەر شىنجاڭدىكى ئەمەلدارلاردا مىللىي ھېسسىيات بولمىسا، ئەسلى بۇنىڭ نورمالسىز ئەھۋال "ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئوچۇق خەتتە نۇر بەكرىگە مۇنداق خىتاپ قىلىنىدۇ": خەلق سىزنى رەئىس، دەپ سايلىدى. سىز ئۆز خەلقىڭىزگە مەسئۇل بولۇشىڭىز، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىشىڭىز كېرەك."


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.