ئوباما ھۆكۈمىتى تۇغۇلۇپ ۋەتەنداشلىققا ئېرىشىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىشقا قارشى چىقتى

ئامېرىكىدا تۇغۇلغان چەتئەللىكلەرگە ۋەتەنداشلىق ھوقۇقى بېرىش مەسىلىسى ئامېرىكىدا تالاش -تارتىش قوزغىدى. ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئامېرىكىدا تۇغۇلغانلارغا ئاپتوماتىك ۋەتەنداشلىق بېرىش توغرىسىدىكى 14‏ - ماددىسىنى بىكار قىلىشقا دائىر پىكىرلەرنى رەت قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.08.13
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا زېمىن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جەنىت ناپولىتانو جۈمە كۈنى ئاساسىي قانۇننىڭ 14‏ - ماددىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئامېرىكىدا تۇغۇلغانلارغا ۋەتەنداشلىق بېرىشنى بىكار قىلىش پىكىرى"ناھايىتى خاتا" دەپ كۆرسەتتى.

يېقىندىن بېرى ئامېرىكىدىكى بەزى جۇمھۇرىيەتچىلەر 1868 - يىلى قوبۇل قىلىنغان ئاساسىي قانۇننىڭ 14 - ماددىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئامېرىكىدا تۇغۇلغان چەتئەللىكلەرگە ئاپتوماتتىك ئامېرىكا ۋەتەنداشلىقى بېرىشنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىنزېي گرېھام، ئامېرىكىدا "تۇغۇلۇپ ۋەتەنداشلىققا ئېرىشىش ھوقۇقى خاتا "دېگەن ئىدى. لېكىن ناپولىتانو جۈمە كۈنى سۆزىدە 150 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان بۇ ماددىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھېچقانداق كېرىكى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

بۇ قانۇن ماددىسىغا تۈزۈش كىرگۈزۈشنى قوللىغۇچىلار بولسا قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئامېرىكا ۋەتەنداشلىقى بەرمەسلىك، چەتئەللىك بايلار ئامېرىكىغا كېلىپ تۇغىدىغان "تۇغۇت ساياھىتى"نىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلماقتا. ئىستاتىستىكلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ 8% ى چەتئەللىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.