دۇنيا تۈرك مەدەنىيەت قۇرۇلتىيى ئىزمىردا باشلاندى

تۈركىيىدىكى مۇخبىرىمىزنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشى ۋە ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا 2 - قېتىملىق خەلقئارالىق دۇنيا تۈرك مەدەنىيەت قۇرۇلتىيى ئىزمىر شەھىرىدە باشلاندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2010-04-18
Share

19 - ئاپرىلدىن 25 - ئاپرىلغىچە داۋاملىشىدىغان مەزكۇر قۇرۇلتايغا تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق 25 دۆلەتتىن كەلگەن 400 ئەتراپىدا ئالىم قاتناشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىمۇ بار. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، فولكلورى ۋە ئەدەبىياتىغا ئائىت ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇيدۇ.

مەزكۇر قۇرۇلتاي تىپىك ئىلمىي - تەتقىقات تۈسىنى ئالغان بولۇپ، بۇ، ئاساسلىقى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى، ئەدەبىياتى، ئېتنوگرافىيىسى ۋە باشقا كۆپلىگەن مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملارنىڭ ئىلمىي ئۇچۇر ۋە كۆز قاراش ئالماشتۇرىدىغان، ئىلمىي مۇھاكىمە سورۇنىدىن ئىبارەت.

يىغىننىڭ ساھىبخانى ھېسابلىنىدىغان تۈركىيىنىڭ ئىزمىر شەھىرىدىكى ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى تۈركىيە بويىچە تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىل - ئەدەبىياتى، تارىخى، مەدەنىيىتى، ئېتنوگرافىيىسى ۋە باشقا ساھەلىرى بويىچە تەتقىق قىلىشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش ئورنى ھېسابلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت