تۈركىيە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 'ئەرمەنىلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق' قارار لاھىيىسىگە شىددەتلىك ئىنكاس قايتۇردى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى ناھايىتى ئاز ئۈستۈنلۈك بىلەن "ئەرمەنىلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق" قارار لاھىيىسى ماقۇللاپ، 1‏ - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوسمانلى تەۋەلىكىدىكى ئەرمەنىلەرنىڭ باستۇرۇلۇش ۋەقەسىنى "ئىرقىي قىرغىنچىلىق" دەپ تونۇيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.03.05

لېكىن مەزكۇر قارار لاھىيىسى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىددەتلىك قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىسىنى ئەنقەرەگە چاقىرتىۋالدى. تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى رەسمى دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق ئوباما ھۆكۈمىتىگە مەزكۇر قارار لاھىيىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئومۇمى يىغىنىدا ماقۇللانسا، تۈركىيىنىڭ شىددەتلىك ئىنكاس قايتۇرۇدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ئادانادىكى ھەربىي بازىسىنى تاقاپ، ئافغانىستاندىكى تۈركىيە قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئوباما ھۆكۈمىتى مەزكۇر قارار لاھىيىسىنىڭ ماقۇللۇنۇشىغا قارشى تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى مەزكۇر قارار لاھىيەسىنى 22 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، 23 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللاپ، ئوسمانلى دەۋرىدە ئەرمەنىلەرگە قارىتىلغان قىرغىنچىلىقنى "ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر"، دەپ تونۇدى.

پرېزىدېنت ئوباما بىلەن دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون سايلام مەزگىلىدە 1915 ‏- يىلدىكى ئەرمەنىلەر ۋەقەسىنى "ئىرقىي قىرغىنچىلىق" دەپ تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ھېلارىي كلىنتون پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ قارار لاھىيەسىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئەرمىنىيە - تۈركىيە ئارىسىدىكى يېقىنلىشىشقا  زەرەرلىك، دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.