كلىنتون خانىم تۈركىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم شەنبە كۈنى تۈركىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ۋە سۈرىيىدە بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان ئىنسانىي كرىزىسلار ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-08-11
Share


كلىنتون خانىم يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا سۈرىيىلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

نۆۋەتتە سۈرىيىنىڭ ئالېپپو شەھىرىدە ھەل قىلغۇچ جەڭ بولۇۋاتقان بولۇپ، سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئېغىر تىپتىكى قىرغۇچى قوراللارنى ئىشقا سېلىپ مەزكۇر شەھەرنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىغىنىغا بىر نەچچە كۈن بولدى.

بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شەنبە كۈنى ئالېپپو ۋە دەررە رايونلىرىدا 30 ئادەم ئۆلگەن.

نۆۋەتتە كلىنتون خانىمنىڭ تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن يەنە قايسى تېمىلاردا سۆزلەشكەنلىكى مەلۇم ئەمەس بولسىمۇ، بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئۇلارنىڭ ئالېپپودىكى ئۇرۇش ۋە نۆۋەتتىكى مۇساپىر مەسىلىسى ھەققىدىمۇ سۆزلەشكەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئۆتكەن ھەپتە بىر بۇيرۇقنامىگە ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئالاھىدە ھەرىكەت خادىملىرىنىڭ سۈرىيە ئەركىنلىك جەڭچىلىرىگە تاكتىكا ۋە ھەربىي ئاخبارات جەھەتتە ياردەم بېرىشىنى تەستىقلىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت