ۈركىيىدە ھەربىي قىسىملارنىڭ ئالىي دەرىجىلىك كوماندىرلىرى قايتىدىن سەپلەنمەكتە

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىنقى بىرنەچچە كۈن ئىچىدە تۈركىيىدە ھەربىي قىسىملارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلىرى قايتىدىن سەپلىنىۋاتىدۇ.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.07.31

تۈنۈگۈن تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل گېنېرال نەجدېت ئوزېلنى، تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ باش شتاب كوماندىرلىقىغا بەلگىلىدى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەرلىرىدە، تۈركىيىنىڭ ئۈچ چوڭ قىسىم ئالىي ئەمەلدارلىرى كوللېكتىپ ھالدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى، بۇ، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ ئەردۇگان بىلەن تۈركىيىدە دىنىي ھۆكۈمەت بولۇشىنى قوللىمايدىغان ھەربىي قوماندانلار ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن ئىختىلاپتىن كېلىپ چىققان، دەپ بايان قىلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھەربىي قىسىم كوماندىرلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا بۇنداق كۆپ ئالماشتۇرۇش، تۈركىيىدە مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان، ئەمما تۈركىيىدەك ھەر ئىش دېموكراتىك سايلام بىلەن بولىدىغان بىر دۆلەتتە، بىراقلا كۆپ قوماندان ئالماشتۇرىدىغان بۇنداق چوڭ ئۆزگىرىش، تۈركىيە جەمئىيىتىدە ھېچقاچان چوڭ كرىزىس پەيدا قىلمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.