تۈركىيە، سۈرىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان جايلىرىغا تانكا يۆتكىدى

تۈركىيە «ئاناتولىيە» ئاگېنتلىقىنىڭ 12 - ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە ھەربىي دائىرىلىرى تۈركىيىنىڭ سۈرىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان جايلىرىغا تانكا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.10.13


تۈركىيە ئەسلىدە سۈرىيىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئىدى. سۈرىيە ھۆكۈمىتى نامايىشچى خەلقنى قىرىشنى باشلىغاندىن كېيىن بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن.

سۈرىيىنىڭ بىر ھەربىي تىكئۇچار ئايروپىلانى تۈركىيە چېگراسىغا يېقىنلاشقاندىن كېيىن، تۈركىيە مۇرسىتپىنار رايونىغا ھەربىي قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.

3 - ئۆكتەبىر سۈرىيە تەرەپ ئاتقان بىر زەمبىرەك ئوقى تۈركىيىنىڭ ئاقجاقالە يېزىسىغا چۈشۈپ بەش ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى. تۈركىيە شۇندىن كېيىن سۈرىيىنىڭ بىر قىسىم ھەربىي بارلىرىنى بومبىلاپ ئىنكاس قايتۇرغان.

13 - ئۆكتەبىر تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى «سۈرىيە مەسىلىنى ھەل قىلالمىدى» دەپ ئەيىبلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.