تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاڭلىتىشىنى باشلىدى

26 - ئۆكتەبىر، تۈركىيە دۆلەتلىك رادىئوسى ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىشنى باشلىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن چەتئەللەردە بىۋاستە ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان رادىئو ئىستانسىلىرىدىن يەنە بىرى كۆپەيدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.10.27

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر رادىئونىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى پروگراممىسى خەلقئارا خەۋەرلەر، تۈرك دۇنياسى خەۋەرلىرى، تىل - مەدەنىيەت ۋە تارىخ قاتارلىق مەزمۇنلاردا ھەر كۈنى بىر سائەتتىن ئىككى قېتىم ئاڭلىتىش بېرىدىكەن.

تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى تۈركىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ قارمىقىدىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان رادىئو ئىستانسسىدۇر.

تۈركىيە رادىئو، تېلېۋىزىيە ئىدارىسى 1964 -  يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچىسى بار بولغان ، 30 خىل تىلدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان  ئەڭ چوڭ ۋە مۇھىم ئاخبارات ئەپكارىغا ئايلاندى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.