تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋۇت ئوغلۇ قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋۇت ئوغلۇ كېلەر ھەپتىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچىنىڭ رەسمىي تەكلىپى بويىچە خىتاينى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010.10.24

داۋۇت ئوغلۇ بۇ سەپىرىدە مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىدىكەن.

بۇ خەۋەر تۈركىيە ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرچە تور بەتلەرمۇ بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئېلان قىلدى. مەزكۇر سەپەر خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ يېقىندا تۈركىيىنى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 8 پارچە كېلىشىم ئىمزالىغان ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى رەسمىي ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەندىن كېيىنكى ۋەزىيەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا.

2009 - يىلى، 6 - ئايدا تۇنجى قېتىم تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۇل ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان ھەمدە بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى تايىپ ئەردوغان شۇ چاغدا خىتاينى ئېتنىك قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى بىلەن قاتتىق ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي تەرەپ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرماي، ئارقىمۇ - ئارقىدىن تۈركىيىگە ۋەكىللەر ئەۋەتىپ، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە كۆپ ساندىكى ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى خىتايلار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان ئىدى.

ۋەقە يۈز بېرىپ بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ، خىتاي بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى قويۇقلىشىش ھالىتىگە كەلدى. تۈركىيە تەرەپ بولسا، خىتايغا ئۇيغۇرلارنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى كۆۋرۈك قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
 
بۇ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تۇنجى قېتىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ يۇرتىنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.