تۈركىيىدىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاشماقتا

تۈركىيىنىڭ شەرقىدىكى ۋان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 432 گە يەتتى. بۇ رەقەمنىڭ يەنە ئارتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-10-25
Share

يەر تەۋرەشتە ئەرجىش شەھىرى ئەڭ چوڭ زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن 7.2 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن يەنە 100 قېتىمدىن ئارتۇق قالدۇق يەر تەۋرەش بولغان.

رەسمىي سانلىق مەلۇماتلار بويىچە ھازىرغىچە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى 432، يارىلانغانلارنىڭ سانىنى 1300 دەپ كۆرسىتىلمەكتە. يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنالارنىڭ ئاستىدا قالغانلارنى قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈمىدى ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئازايماقتا.

ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن ھەرقايسى ئەللەر تۈركىيىگە ئۆز تەزىيىلىرىنى بىلدۈردى. تۈركىيىنىڭ قوشنىلىرى بولغان ئەرمىنىيە، گرېتسىيە ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ياردەم بېرىشكە تەييارلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما تۈركىيە ئۇلارنىڭ ياردەم بېرىش تەلەپلىرىگە جاۋاب قايتۇرماي كەلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر تۈركىيىنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئۇنىڭ بۇ قوشنا ئەللەر بىلەن، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيە بىلەن يېقىندا مەيدانغا كەلگەن جىددىي سۈركىلىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ تەھلىل قىلىشماقتا. ئەمما بۈگۈن ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاننىڭ قايتا قۇرۇلۇشى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھەرقايسى دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارغا ئۇقتۇرۇش يوللىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت