تۈركىيە يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلگەن خارابىلىكتىن داۋاملىق ئادەم قۇتقۇزماقتا

تۈركىيە يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلگەن بىنا خارابىلىرىدىن ئادەم قۇتقۇزۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈنگە قەدەر قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئادەم سانى 459غا يەتتى. قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئادەملەرنىڭ ئىچىدە14 كۈنلۈك بولغان بىر بوۋاق بار.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011-10-26
Share

ھازىر داۋالىنىۋاتقان يارىدارلارنىڭ سانى 1300 دىن ئاشتى. تۈركىيە ۋان رايونىدا ماكانسىز قالغان مۇساپىرلارغا 7 مىڭ 500 چېدىر تىكىپ بەردى ۋە يېمەك، پاكىز سۇ، ئەدىيال، ئوچاق، چىراغ يەتكۈزۈپ بەردى.

ھازىر خارابىلەرنىڭ تېگىدە يەنە مىڭلىغان ئادەم بارلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە ھازىر، كۈچلۈك كرانلار بىلەن يېقىلغان بىنالارنىڭ سېمونت پارچىلىرىنى يۆتكەشكە باشلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيە بۇ قېتىمقى 7.2 بال شىددەتلىك يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان مۇساپىرلار ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيادىن ياردەم سورىغان ئىدى. گەرچە ھازىر 90 دىن ئارتۇق دۆلەت ئاۋاز قوشقان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە ھازىرچە يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن ۋان شەھىرىگە قوشنا بولغان ئىران بىلەن ئەزەربەيجاندىنلا ياردەم قوبۇل قىلىپ تۇردى. بۈگۈن يەنە ئىسرائىلىيىنىڭمۇ ياردىمىنى قوبۇل قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت