تۈركىيە دائىرىلىرى يەر تەۋرەشتە ھايات قالغانلارنى ئىزدەش خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇردى

تۈركىيە دائىرىلىرى ۋان رايوندىكى يەر تەۋرەشتە ھايات قالغانلارنى ئىزدەش خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-10-29
Share

بۇ يىل 23- ئۆكتەبىر تۈركىيىنىڭ ۋان رايونىدا 7.2 بال يەر تەۋرەپ 600 گە يېقىن ئادەم ئۆلگەن ۋە 2مىڭ 608 ئادەم يارىلانغان ئىدى.

بۈگۈنكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يەر تەۋرەپ ھازىرغىچە تۈركىيە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەترىتى 187 ئادەمنى خارابىلىك ئارىسىدىن قۇتقۇزۇپ چىققان.

بۈگۈن يەر تەۋرەش ئاپىتى يۇ بېرىپ ئارىدىن 6 كۈن ئۆتتى. ھازىر ۋان رايوندا سوغۇق چۈشۈپ، يامغۇر ئارىلاش قار يېغىشقا باشلىدى.

بۇ ھەقتە توختالغان بىر تۈرۈك دوختۇر: بۇنداق سوغۇقتا مۆجىزە يۈز بەرمىگەن تەقدىردە يەنە ھايات قالغانلارنىڭ تېپىلىشى مۇمكىن ئەمەس، دېدى.

بۇ تۈركىيىدە يېقىنقنى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتى بولۇپ، چارۋا-ماللارمۇ ئۆلگەنلىكى مەلۇم.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يەر تەۋرەش ئاپىتى تۈپەيلى تۈركىيە ھەر يىلى 29- ئۆكتەبىر ئۆتكۈزىدىغان دۆلەت بايراملىق پاراتتىن ئۆتۈش ۋە باشقا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

نۆۋەتتە تۈركىيە دائىرىلىرى ۋان رايونىغا ياردەم ئەسلىھەلىرىنى يەتكۈزۈش قاتارلىق قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت