تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى مىڭدىن ئارتۇق مەھبۇسنى ئازاد قىلدى

تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى گۇرباڭۇلى بەردىمۇھەممەدوف 18 - ماي كۈنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، تۈرمىدە يېتىۋاتقان مەھبۇسلاردىن 987 نەپەر تۈركمەنىستانلىق ۋە 35 نەپەر چەتئەللىكنى كەچۈرۈم قىلىپ تۈرمىدىن قويۇپ بەرگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012-05-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى بۇ كەچۈرۈمنى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاسساي قانۇن كۈنى ھېسابلانغان 18 - مايغا خاتىرە ئۈچۈن قىلغان بولۇپ، قويۇپ بېرىلگەن مەھبۇسلار ئۆيلىرىگە قايتقان.

ھۆكۈمەت يەنە يەرلىك مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ بۇ قويۇپ بېرىلگەن مەھبۇسلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئەمما، قويۇپ بېرىلگەنلەر ئىچىدە سىياسىي ئۆكتىچىلىك قىلىپ تۈرمىگە سولانغانلار ۋە ئەركىن جۇرنالىستلارنىڭ بار - يوقلۇقى نامەلۇم ئىكەن.، تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتى مۇنداق كەچۈرۈم قىلىشنى ھەر يىلى داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىگە ئۆكتىچىلەر كىرمىگەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت