ھازىر تۇرپاندا ساقلىنىپ قالغان كارىز سانى 200 گە يەتمەيدۇ

تۇرپاندا بۇنىڭدىن 200 يىل بۇرۇنلا كارىز بار ئىدى. بۇ، يەرلىك خەلق تېرىقچىلىقتا يەر ئاستى سۈيىنىڭ پارغا ئايلىنىشىدىن ھەم يۇرتىدىكى بوستانلىقلارنىڭ قۇملىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىجاد قىلغان سۇ قۇرۇلۇشى ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-04-01
Share

'ئۈرۈمچى خەۋەر تورى'دا ئاشكارىلىنىشىچە، تۇرپاندا بۇنىڭدىن 50 يىل بۇرۇن 1237 كارىز با ئىدى، گەرچە يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياغا، بۇ رايوندىكى كارىزلارغا ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تۇرپاندا ھازىر ساقلىنىپ قالغان كارىز سانى 200 گە يەتمەيدۇ.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئاپتور بۈگۈن ئېلان قىلغان ماقالىسىدا، تۇرپان خەلقى ھازىر 'ئەر ئۆلسە چىرىغى ئۆچىدۇ، كارىز ئۆلسە يۇرت ئۆلىدۇ' دەپ شىكايەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت