ئۈچ تىبەتلىكنىڭ ب د ت بىناسى ئالدىدىكى ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى داۋام قىلماقتا

ئۈچ نەپەر تىبەتلىك ب د ت نىڭ نيۇيوركتىكى بىناسى ئالدىدا ئاچلىق ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-03-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇلار ب د ت دىن تىبەتتە بولۇۋاتقان ۋەقەلەرگە قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىپ بۇنداق بىر ھەرىكەتنى باشلىغان بولۇپ، ئۇلار 22-فېۋرالدىن بۇيان سۇ ئىچكەندىن باشقا ھېچقانداق ئوزۇقلۇق يېمەي نامايىشنى داۋام قىلماقتا. ب د ت باش سېكرېتارى بان كىمۇن چارشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، ئاچلىق ئېلان قىلىۋاتقان 3 تىبەتلىكنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ مۇئاۋىن باش سېكرېتارى ئىۋان سىمونوۋىك دۈشەنبە كۈنى تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىغان. ئۇ، تىبەت مەسىلىسىنى جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئارقىدىن، ئىۋان سىمونوۋىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بىلەن ئۇچراشقان. ئەمما ئۇچرىشىشتا نېمىلەرنىڭ دېيىلگەنلىكى مەتبۇئاتقا ئاشكارىلانمىدى.

تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە ب د ت نىڭ تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە خىتايغا قىلغان چاقىرىقلىرىنى يېتەرلىك دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز ب د ت نىڭ تىبەت خەلقى ئۈچۈن ئەمەلىي بىر ئىش قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت