ئۇيغۇر ئېلىدە، ' ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش' پائالىيەتلىرى كۈچەيتىلمەكتە

خىتاي ئاخباراتلىرى ۋە بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قۇربان ھېيت ۋە يېڭى يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا "ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش" قاتارلىق تەشۋىق پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىشكە ھەمدە ئادەم تۇتۇشقا باشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.12.22

رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ جەرياندا ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيىلىك خىتاي ھۆكۈمىتى سەمەت داۋۇت، ياسىن قۇربان قاتارلىق ياشلارغا مەخپىي سوت ئېچىپ تۈرمىگە تاشلىغان بولسا،. مامۇت ئەھمەت سەمەت توختى قاتارلىق ياشلارنى گۇمانلىق ئۇنسۇر دېگەن ناملار بىلەن تۇتۇپ تۇرماقتا ئىكەن.

"شىنجاڭ ئامانلىق تورى" دا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ نۆۋەت شايار ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان "بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى قايتا تەشۋىق قىلىش ۋە زوراۋان تېررورچىلىق قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش" تەربىيىسىنى يېڭى مەھەللە يېزىسىدا تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ياشلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك شايار ناھىيىسى يېڭى مەھەللە يېزىسىدىن ئىكەن.

خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ خىلدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى ئاقتو ناھىيىسىدىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇلغان.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدا ئوخشاش شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان "ئۈچ خىل كۈچلەر ۋە بۆلگۈنچىلىك " كە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە يەنە قانچىلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.