ئۈرۈمچى خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىنىڭ ئۇيغۇر ئىنژېنېرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى گۇمان قوزغىدى

ئۈرۈمچى خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىنىڭ داۋۇت ئىبرايىم ئىسىملىك 49 ياشلىق ئۇيغۇر ئىنژېنېرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا گۇمان قوزغىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.03.20

رادىئويىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، داۋۇت ئىبراھىم ئۈرۈمچى خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىدىكى 5 نەپەر ئالىي ئىنژېنېرنىڭ بىرى. ئۇ كەسىپتە پۇختىلىقى، خىزمەتتىكى ئەستايىدىللىقى بىلەن زاۋۇتتا يۇقىرى ئابرۇي قازانغان. ئەمما ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان بۇ ئالىي ئىنژېنېر بىر نەچچە يىل ئىلگىرى زاۋۇتقا خىتاي ئۆلكىسىدىن يۆتكىلىپ كەلگەن باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىسىدىكى بۆلۈم باشلىقى گو دىفاڭنىڭ كۆزىگە سىغمىغان.

ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدا تىركىشىش يۈز بەرگەنلىكى، گونىڭ داۋۇتقا تەھدىت قىلغانلىقى ھەم داۋۇت ئىبراھىمنىڭ خىزمىتىدىن يۆتكىلىش قارارىغا كەلگەنلىكى زاۋۇتتىكى ئىشچىلار ئارىسىدا ئاشكارا سۆز تېمىسىغا ئايلانغان.

15-مارت كۈنى ئەتىگەن ساق-سالامەت ئىشقا چىقىپ كەتكەن داۋۇت ئىبراھىمنىڭ شۇ كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى سائەت 11 لەر ئەتراپىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۇنىڭ بىلەن تىركىشىدىغان خىتاي بۆلۈم باشقا گو دىفاڭ تەرىپىدىن داۋۇت ئىبراھىمنىڭ ئائىلىسىگە ئۇقتۇرۇلغان. زاۋۇت تەرەپ داۋۇت ئىبراھىمنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى ئاشكارىلىمىغان، ھەمدە داۋۇت ئىبراھىمنىڭ ئائىلىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، مەرھۇمنىڭ جەسىتىنى تېزلىكتە ئۇنىڭ يۇرتى ئاقسۇ باي ناھىيىسىگە ئاپىرىپ دەپنە قىلىۋېتىشكە ئورۇنلاشتۇرغان.

نۆۋەتتە داۋۇت ئىبراھىمنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى ئۈرۈمچى خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىدىكى ھەم ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.