خىتاي ئۈرۈمچىدىكى دىنىي زاتلارغا '4نى قوغداش' تەلىم - تەربىيە ھەرىكىتى باشلىغان

يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى 1 - ئاپرېلدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىكى دىنىي زاتلارغا "4نى قوغداش" تەلىم - تەربىيە ھەرىكىتى باشلىغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر ھەرىكەت بىر ئاي داۋام قىلىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.04.03

بۇ نۆۋەت باشلانغان "4 نى قوغداش" ھەرىكىتى، " مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋە قانۇننىڭ ئابرۇيىنى قوغداش" قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 1 - ئاپرېل يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۈرۈمچى دىنىي ساھەسىگە "تۆتنى قوغداش تەربىيىسى ھەرىكىتىگە سەپەرۋەرلىك قىلىشى يىغىنى" ئاچقان. تەربىيە رايون، ناھىيە، ئىدارە ۋە ئورگان، قاتارلىق تۆت قاتلام بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

تەلىم -تەربىيە ھەرىكىتى جەريانىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىرلىك سەپ، مەخسۇس مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىپ كۇرسانتلارغا لىكسىيە سۆزلەيدىكەن.

يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئابدۇرەھىم ئابلىز تەلىم تەربىيە جەريانىدا ئۆگەنگەن بىلىملەرنى " دىنىي خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ئاڭلىق ھالدا بىرلەشتۈرۈپ، دىنىي سىياسەتتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن - نىزامنامىلەر يول قويغان ئاساستا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكى"نى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە دىنىي زاتلارنىڭ "ئالاھىدە ۋەزىپىلەرنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان ئاساسىي قاتلامدىكى ئالاھىدە كادىرلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئىشەنگۈچى ئامما ئارىسىدا "تۆتنى قوغداش" تەلىم -تەربىيىسى قانات يايدۇرۇش، ۋە مەۋقەسى ئېنىق ھالدا "3 خىل كۈچلەر" گە قارشى كۈرەش قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.