ئۈرۈمچىدە تەتىلگە قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قول تېلېفون ۋە كومپىيۇتېرلىرى قاتتىق تەكشۈرۈلمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى يېقىنلىشىش سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تەتىلگە قويۇۋەتكەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-06-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، تەتىل ئۈچۈن يۇرتلىرىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا قول تېلېفون ۋە كومپىيۇتېرلىرى قاتتىق تەكشۈرۈلگەن.

تەكشۈرۈشتە مەزمۇنى سەزگۈر دەپ قارالغان ھۆججەت ۋە سۈرەتلەر نەق مەيداندا ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ياكى شۇ قول تېلېفون ۋە كومپيۇتېر تارتىۋېلىنغان.

بۇ ھەرىكەتتىن، خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ باشقا جايلىرىدىن يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى؛ ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىدە خىتاينىڭ دۆلەت ئوبرازىنى تېخىمۇ خۇنۈكلەشتۇرۇدىغان ۋە ياكى باشقا جايلاردىكى ئاھالىلەرنى ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشقا قوزغايدىغان تەشۋىقات ياكى قوزغاش خاراكتېرىدىكى ۋەقەلەرنىڭ كۆپ بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت