كوكو-كولا شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان قاچىلاش زاۋۇتى ئىش باشلىدى

كوكو-كولا شىركىتى 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، ئۆزىنىڭ قاچىلاش زاۋۇتلىرىنى كېڭەيتكەن ئىدى. بۇ شىركەتنىڭ ئۇرۇمچىدە قۇرۇلغان قاچىلاش زاۋۇتى ھازىر ئىش باشلىدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭ بىلەن ئاز دېگەندە 8 مىڭ كىشى ئۈچۈن خىزمەت پۇرسىتى يارالدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-06-24
Share

بۇ زاۋۇت ھەر يىلى 200 مىڭ توننا مەھسۇلات چىقىرالايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن 20 مىليون يەرلىك خېرىدار بۇ زاۋۇتنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن بىۋاستە بەھرىمان بولالايدۇ.

6‏ - ئاينىڭ 23 ‏ - كۈنى ئۈرۈمچىدە، كوكو-كولا شىركىتىنىڭ قاچىلاش زاۋۇتى ئىش باشلىغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا، كوكو-كولا شىركىتىنىڭ باشلىقى مۇختار كېنت قاتناشقان.

'شىنجاڭ خەۋەر تورى' دا بايان قىلىنىشىچە، كوكو-كولا شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى قاچىلاش زاۋۇتىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا ۋاڭ لېچۇەن، نۇ بەكرىلەر باشچىلىق قىلغان. مۇراسىمغا خىتاي ئاشلىق گۇروھىنىڭ باش پايچىكى نىڭ گاۋنىڭمۇ قاتناشقان.

ۋاڭ لېچۇەن خەلقئارادا، ئىسپانىيە سوتچىسى سانتىياگو 2009‏ - يىل 5‏ - ئاينىڭ 5 ‏ - كۈنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان، ئەمما ھازىرغا قەدەر قاچاقتا تۇرۇۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن جىنايەتچى، دەپ قارىلىدۇ.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت